پىندودو دۇكان ئېچىپ پۇل تاپقىنى بولامدۇ ؟
پىندودو ئاساسەن ھەممىمىزنىڭ تېلڧونىدا ئوموملىشىپ بولدۇ ،تاۋباۋنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ بولدى دېسەك بولىدۇ .سەۋەبى پىندودو دىكى مەھسۇلاتلار ھەقىقەتەن ئىنتايىن ئەرزان .ئەلۋەتتە ئەرزان دېگەنلىك مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى ناچار دېگەنلىك ئەمەس .پەقەت دۇكاندارلار ئالىدىغان پايدا ئاز لىكىن سېتىلىشى جىق دەپ ئويلىساق بولىدۇ .يەنى بىر مەھسۇلاتدىن 10 ئەمەس 1 كوي پايدا ئىلىپ ئايدا 10 مىڭ تال ساتتى دېسەكمۇ 10 مىڭ يۈەن پايدا دېگەن گەپ.
ئادەتتە بىركېچىدە باي بولۇش ،ئۇخلاپ تۇرۇش پۇل تېپىش دېگەن گەپلەنى خەۋەرلەردە ئاڭلىغان تېلۋوزۇرلاردا كۆرگەن.ئەمىلىيەتتە بىر كېچىدە باي بولۇش ھادىسىلىرى ئاساسەن ئىنتايىن تور سودىلىرىدا يۈز بېرىدۇ .مەسىلەن تور دۇكان ئېچىپ 爆单 بولۇش ھادىسى ..
قارايدىغان بولساقمۇ ئۈستىكى 2 سى بولسا شىنجاڭلىق دوستلۇرىمىزنىڭ شىنجاڭدا بار ئەۋزەللىكنى كۆزدە تۇرۇپ ئاچقان پىندودو دۇكىنىنىڭ مەھسۇلاتى ،ئومومىي سېتىلىشى ئىككىلىنىڭ 50 مىڭغا يىقىنلاشقان ،پايدىسىنى 3 كويدىن ھېسابلىساقمۇ 150 مىڭ يۈەن دېگەن گەپ .4 مىلياردىن ئارتۇق ئابونتى بار پىندودو سۇپىسىدا دۇكان ئېچىپ پەقەت مەھسۇلات ياخشى تاللانسىلا ،مەشغۇلاتنى توغرا خېرىدارلارغا يېقىشلىق ئېلىپ بارالىساقلا پۇل تاپماق ھەرگىزمۇ تەس ئەمەس .