سودا سانائەت بانكىسىنىڭ ئىناۋەت كارتىسىنى ئىلتىماس قىلىش
ئادەتتە ئۈندىداردا كۆپ ئۇچرىتىمىز ،ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىپ بېرىمەن ،قەرىز چۈشۈرۈپ بېرىمەن دەپ مۇلازىمەت ھەققىي ئېلىپ پۇل تاپىدىغانلار ئاز ئەمەس ،ئەمەلىيەتتە ئىناۋەتلىك كارتىنى ئۆزىمىز ئىلتىماس قىلىش ئازراقمۇ تەس ئەمەس ،پەقەت قانداق قىلىشنى قەيەردىن قىلىشنى بىلمىگەنلا يېرىمىز بار .بۇ دەرىسلىك ئارقىلىق ئۈگۈنىۋالساڭلا بولىدۇ .سىلەمۇ ئۈگۈنىۋىلىپ باشقىلارغا مۇلازىمەت تەمىنلەپ پۇل تاپساڭلا بولىدۇ ،قانداق بولمىسۇن تېلڧون مەشغۇلاتىدىن قىينىلىدىغانلار ،دۆلەت تېلى سەۋىيەسى يېتەرلىك بولماسلىق سەۋەبىدىن خاتا مەشغۇلات قىلىپ قالىدىغانلار ئاز ئەمەس ،شۇلار ئۈچۈن مۇلازىمەت تەمىنلەپ ياردەم قىلساقمۇ يەنە ياخشى ئىش .
بۇ دەرىسلىكتە سودا سانائەت بانكىسىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسىنى ئىلتىماس قىلىش چۈشەندۈرۈلدى ،بانكا بانكىلارنىڭ كارتىسىنى ئىلتىماس قىلىش مەشغۇلاتى جىق پەرىقلىنىپ كەتمەيدۇ .پايدىلىنىپ قالساڭلا بولىدۇ .